ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى روبرت گەيتس ئىراقنى زىيارەت قىلدى
2006.12.20
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 20 - دېكابىر كۈنى ئىراقتىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبرت گەيتس دۈشەنبە كۈنى بەش بۇرجەك بىنادا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلاپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئىراقنى زىيارەت قىلغان. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەشتىن بۇرۇن، ئىراق ئۇرۇشىنى كۆپ ئۇچرىمايدىغان ئۇرۇش، قالايمىقانچىلىق ئۇرۇشى، بۇ ئۇرۇشتا ئامېرىكا تېخى غەلىبە قىلمىدى، ھەربىي كوماندىرلاردىن كۆپرەك مەسلىھەت ئېلىش كېرەك، دەپ قارايتتى. پرېزىدېنت جورجى بۇشمۇ ئۇنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە ئىراق ئۇرۇشىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيىسىنى تۈزۈپ چىقىشقا ياردەملىشىدۇ، دېگەن ئۈمىدتە بولغان ئىدى. بۈگۈن گەيتس ئەپەندى ئىراق زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگتوندىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى روبرت گەيتس ئىراقنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت بۇش ئىراق ئۇرۇشىدا ئامېرىكا تېخى غەلىبە قىلمىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە "ئەمما بىز مەغلۇپ بولمىدۇق، بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز" دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جورجى بۇشنىڭ غەلىبە قىلىش ئۆلچىمى -- ئىراقتا مۇكەممەل دېموكراتىك تۈزۈم تىكلەشتىن ئىبارەت. ھازىر ئىراقتا 140 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى بار. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج بۇش ئىراق مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى ستراتىكىيە بېكىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- پرېزىدېنتى جۇرج بۇش ئىراق سىياسىتى ئۈچۈن سۆھبەت باشلىدى
- ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتى ئامېرىكا خەلقى كۈتكەن نەتىجىنى بەرمىدى
- ئىراق ئۇرۇشى، ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتى جەھەتلەردە ئامېرىكىنىڭ سىياسەتلىرىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولماقتا
- پرىزىدېنت بۇش ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بلايېر بىلەن ئىراق ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى