دېموكراتلار ئىراققا يەنە ئەسكەر ئەۋەتىشكە قارشى چىقتى


2007.01.05

ئامېرىكىدا 2006‏- يىلى نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت مەجلىسى سايلىمىدا دېموكراتلار غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، بۇش ھۆكۈمىتىنى بولۇپمۇ ئىراق سىياسىتىدە نۇرغۇن قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلارنىڭ بۈگۈن بەرگەن باياناتلىرى پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئىراق ئىستراتېگىيسىنى يولغا قويۇشتا ئاللىقاچان توسقۇنلۇققا ئۇچراشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراققا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئىراقتىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش ئۈچۈن ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما پرېزىدېنت بۇش تېخى يېڭى سىياسىتىنى ئېلان قىلماي تۇرۇپ، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان دېموكرات نەنسى پەلۇسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ھاررى رىد بۈگۈن پرېزىدېنت بۇشقا بىر خەت ئەۋەتىپ، ئىراققا يەنە ئامېرىكا ئەسكىرى ئەۋەتىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، ئىراق ئۇرۇشىنى توختىتىش ۋاقتىنىڭ كەلگەنلكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پەلۇسى ۋە رېد پرېزىدېنت بۇشقا ئەۋەتكەن خېتىدە، ئۇنىڭدىن تۆت ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى تەدرىجى ھالدا ئىراقتىن چېكىندۈرۈشكە باشلىشىنى تەلەپ قىلغان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.