ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كوندالىزا رايىس پەيشەنبە كۈنى، ئىراقنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان دۆلەتلەرگە قارىتا ھەرىكەت قوزغاپ، تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
كوندالىزا رايىس بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئەربىل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئىران باش ئەلچىخانىسىدا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، 6 كىشىنى قولغا ئالغان ئىدى، بۇ ئىران تەرەپنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.
بۇ ئارىدا ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج بۇش مۇھىم بىر سىياسىي نۇتۇق ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ مۇقىملىقىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەن ئىران ۋە سۈرىيىگە قارىتا قاتتىق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇش سۆزىدە يەنە ، ئىراققا قايتىدىن 20 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
نۆۋەتتە ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىنتايىن جىددىي بولۇپ، ئامېرىكا ئىراننى ئىراق قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلىرىنىڭ زوراۋانلىق كۆرسىتىشىگە ياردەمدە بولۇش شۇنىڭدەك يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بىراق ئىران تەرەپ بۇ خىل ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومېتىتىنىڭ رەئىسى، دېموكرات جوسېف بىدېن ": بۇشنىڭ ئىراق ھەققىدە تۈزگەن مەزكۈر يېڭى ئىستراتېگىيىسى، ئېچىنىشلىق بىر خاتالىق ھېسابلىنىدۇ" دېدى. (ئەقىدە)