ئامېرىكا بىلەن ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىتتىپاقدىشى ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدىكى پىكىرى ئىختىلاپلىرى سەۋەبىدىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك پەيدا بولدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا قورال سېتىش مەسىلىسىدە ئامېرىكىدىن يازما كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئىسرائىلىيە قورال ئېكىسپورتىغا قاتتىقراق چەكلىمە قويغاندىلا ئاندىن ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيىگە ئۆتكەن ئاي قويغان بىر قىسىم سەزگۈر قورال تېخنىكىلىرىنى ساتماسلىق چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى شەرت قىلغان.
ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ مەسىلىدە ھازىرچە ئېنىق پىكىر بىرلىكىگە كېلىپ بولالمىغان. شۇنداقلا چارشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شائۇل موفازنىڭ ۋاشىنگتونغا قىلماقچى بولغان زىيارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
ئەمما شائۇل موفاز ئىسرائىلىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىۋاستە ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، يېقىن كەلگۈسىدە بۇ مەسىلىدە بىرلىككە كېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسرائىلىيىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكا ھەر يىلى ئىسرائىلىيىگە 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە ھەربىي ياردەم قىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئاي ئىسرائىلىيىنىڭ يېقىندا رادارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرالايدىغان ئايروپىلان ئەسلىھەلىرىنى خىتايغا سېتىپ بېرىش سودىسىغا قارشى تۇردى. شۇنداقلا ئامېرىكا دەرھاللا بەزى سەزگۈر تېخنىكىلارنى ئىسرائىلىيىگە سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى چىقارغان. (پەرىدە)