ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس دۈشەنبە كۈنى بېيرۇتنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ، لىۋان باش مىنىستىرى فۇئات سىنىئورا بىلەن ئىسرائىلىيە- ھىزبۇللا توقۇنۇشىنى توختىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. رايىس ئالدىن-ئالا ئېلان قىلىنمىغان لىۋان سەپىرىدىن كېيىن ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغىچە ئۇ ئىسرائىلىيىگە بېرىپ بولۇشى مۇمكىن.
رايىسنىڭ بۇ سەپىرى ئامېرىكىنىڭ ئىككى نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى جەنۇبى لىۋاندىكى ھىزبۇللا پارتىزانلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا ھۇجۇم قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كرىزىسنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئاتقان تۇنجى دىپلوماتىك قەدىمى. پرېزىدېنت بۇش بولسا ئۇرۇش توختىتىشتىن بۇرۇن بۇ توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھىزبۇللانىڭ مەسىلىسى بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك، دەپ قارىماقتا. لىۋانغا ئۇچۇش سەپىرىدە " بىز ھەممىمىز ئۇرۇش توختىتىشنى مۇھىم، دەپ قارايمىز " دەپ تەكىتلىگەن رايىس، لېكىن ئۇرۇش توختىتىش " رامكىسى لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇشى كېرەك" دەيدۇ.
" نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى " رايىسنىڭ جەنۇبى لىۋانغا ش ئا ئو ئە ت قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە جەنۇبى لىۋاندا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورى ئېچىش تەكلىپى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئامىر پېرېتز، ئىسرائىلىيە ش ئا ئو ئە ت قىسىملىرىنى جەنۇبى لىۋانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوننى تىزلىشىگە ياردەم قىلىش پىلانىغا قىزىقىدۇ، دېدى. لېكىن ئامېرىكا تەرەپ لىۋانغا ش ئا ئو ئە ت قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا باھا بېرىپ باقمىدى. ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى جون بالتون، " بىز بۇ يېڭى تەكلىپنى چوقۇم ئەستايىدىل ئويلىشىمىز " دەيدۇ.
رايىس ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئىتالىيە پايتەختى رىمغا بېرىپ بۇ يەردە ئوتتۇرا شەرق كرىزىسىنى تېما قىلغان بىر خەلقئارا يىغىنغا قاتنىشىدۇ. (ئەركىن)