بۇش بىلەن رو مۇ- خيۇن، كورىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئورنىغا تىنچلىق كېلىشىمىنى دەسسىتىشكە قوشۇلدى


2005.11.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى رو مۇ-خيۇن، پەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيىنىڭ قەدىمقى پايتەختى كيوڭجۇدا ئۇچرىشىپ، شىمالىي كورىيە بىلەن ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئورنىغا تىنچلىق كېلىشىمىنى دەسسىتىشكە قوشۇلدى.

كورىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 1953 - يىلى ئامېرىكا، خىتاي ۋە شىمالىي كورىيىلەر ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ئۇلار شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما بۇشنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىككى دۆلەت شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسىنى تىنچ ۋە دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا قوشۇلغان. بۇش "شىمالىي كورىيە ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشتىن بۇرۇن يادرو قوراللار پىلانىدىن ئالدى بىلەن ۋاز كېچىش كېرەك " دېدى.

ئەمما شىمالىي كورىيە ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىن تىنچ مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يادرو رياكتور قازىنىغا ئېرىشمىگىچە، يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

جەنۇبىي كورىيە بۇشنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىنىڭ 2 - بېكىتى. بۇش بۇ يەردە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

بۇش، چارشەنبە كۈنى ياپونىيىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا جەنۇبىي كورىيىنى ماختاپ، " جەنۇبىي كورىيە ھازىر دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ۋە ئاسىيادىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى " دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.