ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى سۆھبەت ۋەكىلى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى
2008.02.18
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس خانىمنىڭ خىتاي زىيارىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان باش ۋەكىلى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى.
بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى سۇسان ستېۋېنسون خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە،، ئامېرىكا دۆلەت ۋەكىلى كىرستوفېر ھىل ئەپەندى جەنۇبىي كورىيە ۋە ياپونىيىگە سەپەر قىلىشتىن ئىلگىرى، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە يادرو سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھىل ئەپەندىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتى، يېقىندا شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدە بېيجىڭدا زىيارەتتە بولىدىغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس خانىمنىڭ شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىگە ئاساس سېلىش ئىكەن.
ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە، رۇسىيە، ياپونىيە ۋە خىتايلار ئارىلاشقان شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى نەتىجىلىك بولغاندىن كېيىن، شىمالىي كورىيە ئۆتكەن يىلى 31- دېكابىرغىچە، ئاساسلىق رېئاكتورلىرىنى چۇۋۇپ تاشلاشقا ماقۇل كەلگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي كورىيە ئۆتكەن يىلى نويابىردا چۇۋۇلىدىغان ئاتوم رېئاكتورلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيىنىڭ يەنە مەخپىي ئۇران قويۇلدۇرۇش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تولۇق تىزىملىكىنىمۇ تاپشۇرۇشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىمالىي كورىيە خېلى ئۇزۇندىن بۇيان يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ئۇران قويۇلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2006- يىلى ئۆكتەبىردە نەتىجىلىك ھالدا ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ۋاشىنگىتون دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان ئىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
- كاندىلىزا رايس خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
- ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىدىغان قوراللارنى چەكلەش كېلىشىمى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ دېپلوماتىك ھىيلىسى
- ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىسى : ئامېرىكا خىتاي تەھدىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ
- ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى
- ئامېرىكا گېنېرالى خىتاي ھەربىي قوراللىرىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى يادرو بومبىسى ۋە ئاتوم سىنىقىغا قاتناشقانلارغا ياردەم پۇلى تارقاتماقچى
- خىتاي ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگى داۋاملاشماقتا
- ئىككىنچى قېتىملىق ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيلىك دىئالوگى باشلاندى
- ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قارشى چىقىشىنى ئەيىبلىدى