ئامېرىكىدەك سانائەتلەشكەن باي دۆلەتتىكى نامراتلىق مەسىلىسى قايتىدىن كىشىلەرنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىماقتا


2007.08.29

ئامېرىكا فېدېرال ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2006 ‏- يىلى ئامېرىكىدا ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىللىق كىرىمى 48 مىڭ 200 ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كەلگەن. ئىرق بۇيىچە ئايرىپ ھېسابلىغاندا، ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ 50 مىڭ 700 ئامېرىكا دوللىرىدىن ، ئاسىيالىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ 64 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن، لاتىن ئامېرىكىسىلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ 52 مىڭ 400 ئامېرىكا دوللىرىدىن، قارا تەنلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ 37 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن توغرا كېلىدۇ.

ئامېرىكا فېدېرال ستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا يەنە، ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىقى يۈز بېرىش مۇمكىنلىكىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدا 4 نوپۇسلۇق ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 26 مىڭ 140 دوللاردىن تۆۋەن بولسا، 3 نوپۇسلۇق ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 16 مىڭ 79 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولسا، 2 نوپۇسلۇق ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 13 مىڭ 167 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولسا، بويتاقنىڭ يىللىق كىرىمى 10 مىڭ 294 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولسا نامرات دەپ ھېسابلىنىدۇ دەپ مۇقىملىدى.

گەرچە ئامېرىكىدا 2006 ‏- يىلى نامراتلارنىڭ سانى ئىلگىرىكى بىر يىلغا قارىغاندا تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى مۇشۇ ئۆلچەم بۇيىچە ئامېرىكىدا يەنە 30 مىليون ئادەم نامراتلىقتا ياشايدۇ. يەنە 47 مىليون ئادەمنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى يوق.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئاھالىلارنىڭ كىرىمى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئۆتكەن ھەپتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدەك بۇنداق سانائەتلەشكەن باي دۆلەتتىكى نامراتلىق مەسىلىسى قايتىدىن كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.