ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش پىلانىدىن بىئارام بولغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى فرانك ۋولف، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى باشقا ئەمەلدارلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى بىلەن قاتنىشىشىنى چەكلەش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.
فرانك ۋولف، پەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئۆزىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى ۋە ئەگەر پرېزىدېنت بۇش بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتناشسا بۇ پرېزىدېنت فرانكلىن روزىۋېلتنىڭ 1936 - يىلى بېرلىن ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىپ، گىتلېر بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇش ۋەقەسىگە ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ،" ئەگەر رونالد رېگان بولغان بولسا ئولىمپىك يىغىنىغا ھەرگىز بارمىغان بولاتتى. مەن كاپالەتلىك بېرىمەنكى ، ئۇ ھەرگىز بارمىغان بولاتتى " دەيدۇ. فرانك ۋولف بۇ سۆزلەرنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ خام چوت كومىتېتىدا سۆزلىگەن سۆزىدە تەكىتلىدى.
فرانك ۋولف يەنە ، خىتاينى سۇدان بىلەن بولغان يېقىنچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، خارتۇم ھۆكۈمىتىگە دارفۇردىكى توقۇنۇشنى توختىتىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتمىدى، دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا دۈشمەن دۆلەتلەر بىلەن قورال - ياراق سودىسى قىلىش، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى تۈرمىگە تاشلاش، ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا ۋە كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىدى.
فرانك ۋولفنىڭ قانۇن لايىھىسى پرېزىدېنتنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشىنى چەكلىمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ۋە فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى چەكلەيدۇ. 8 - ئايدا پرېزىدېنت بۇش ئولىمپىك يىغىنىغا قاتناشسا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۈستىدە سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئەركىن)