كونزىلىزا رايىس ئوتتۇرا شەرقنى زىيارەت قىلماقچى
2006.07.21
ئىسرائىلىيە كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرى جۈمەكۈنى لىۋاندىكى نىشانلارنى داۋاملىق بومباردىمان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دائىرىلەر جەنۇبىي لىۋاندىكى پۇقرالارنى بۇ رايوندىن دەرھال ئايرىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقتا. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس كېلەر ھەپتە ئوتتۇرا شەرقنى زىيارەت قىلماقچى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئوفېتسىرى، ئىسرائىلىيىنىڭ ھىزبۇللا ھەرىكىتىگە قارشى جەنۇبى لىۋاندا قوزغىغان ھەربىي ھۇجۇمى كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ ئىسرائىلىيە زاپاس قىسىملىرىنى ۋەزىپىگە چاقىردى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، كرىزىسنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى ئوتتۇرا شەرققە سەپەر قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن ئۇ، تەرەپلەرنى رايوننىڭ توقۇنۇشتىن بۇرۇنقى تىركىشىش ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان، دەرھال ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاشقا قىستىمايدىكەن.
ھازىرغىچە ئىسرائىلىيىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەن لىۋانلىقلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشقان. ھىزبۇللانىڭ بومباردىمانىدا ئۆلگەن ئىسرائىيىلىك سانى 30 غا يەتتى. ھىزبۇللا جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيىنىڭ ھايفا شەھىرىگە يەنە راكىتا ئاتتى. ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى لىۋان چېگرىسى ئىچىدە ھىزبۇللا جەڭچىلىرى بىلەن توقۇنۇشماقتا.
بۇ ئارىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كومىسارى لۇئىس ئاربور، ئۇرۇشىۋاتقان تەرەپلەرنى لىۋان، ئىسرائىلىيە ۋە گازادا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. ئۇ، يۇقىرىقى دۆلەت ۋە رايونلاردا "ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت " دەيدۇ. لۇئىس ئاربور، تەرەپلەرنى "نىسبىلىك پرىنسىپى" غا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇمى داۋاملاشماقتا
- ئىسرائىلىيە لىۋانغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا
- ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختۇتۇش ۋە لىۋانغا خەلقئارا قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى رەت قىلدى
- دۇنيا رەھبەرلىرى لىۋاندا تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا
- ھەسەن نەسرۇللا ئىسرائىلىيىگە قارشى ئوچۇق ئۇرۇش ئېلان قىلدى