ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنى ئەنجاندىكى ۋەقە توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى


2005.05.31

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مىكېين، ئۆزبېكىستان ئەنجاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە يول قويمىسا، ئامېرىكا ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسۋىتىنى كۈزدىن كەچۈرۈشى كېرەك، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

مىكېين بۇ سۆزلەرنى دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا سۆزلىگەن. مىكېيىن مۇنداق دەيدۇ: " بىز ئۆزبېكىستاندىكى ۋەقەلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بىز ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆزبېكىستاندا قانداق جىنايەتلەرنى يۈز بەرگەنلىكىنى شۇنداقلا بۇ يەردىكى قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈشى كېرەك، دەپ قارايمىز." پرېئىزدېنت كېرىموف يېقىندا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەنجاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما جون مىكېيىن، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كېرىموف " بۇنداق ھەرىكەتنىڭ 21 - ئەسىردە يۈز بەرمەسلىكى لازىملىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى.

كېرىموف ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ 13 - كۈنى يۈز بەرگەن ئەنجاندىكى نامايىشنى قانلىق باستۇرغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەدە 700 دىن ئارتۇق پۇقرا ئۆلگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھازىر كېرىموف ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلماقتىكەن. جون مىكېيىن، ئەگەر پرېئىزىدېنت كېرىموف ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرسا شۇنداقلا ياۋروپا بىخەتەرلىك - ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىسا، ئامېرىكىنى بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. ئۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسۋىتىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.