ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چەينى قازاقىستاندا

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چەينى جۈمە كۈنى قازاقىستانغا باردى. بۇ ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسلىدىكى رېسپۇبلىكىلىرىنىڭ بىرى بولغان، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئېنېرگىيە زاپىسى مول دۆلەت دەپ ھېسابلىنىۋاتقان بىر دۆلەتنى تۆتىنچى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى چەينى بۇ قېتىم قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇر سۇلتان نازاربايېۋ بىلەن بۇ ئەلنىڭ مول نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىش مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىشىدۇ. ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى كۆپلەپ ئېچىپ، ئۇنىڭ غەربتە ۋە باشقا جايلاردا بازارغا سېلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى رىچارد باۋچېر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى "دۇنيادا بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان نېفىتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، شۇنداقلا كاسپى دېڭىزىنىڭ تېگىدە نېفىت تۇرۇبىسى ياساش ئۈچۈن سۆزلىشىۋاتىدۇ دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خاتىرىسىگە قارىغاندا، قازاقستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى تېخىچە ناچار ھالەتتە تۇرماقتا. بىر پېشقەدەم ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى قازاقىستاندا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 1991 ‏- يىلى يىمىرىلگەندىن بۇيان ئىزچىل ھوقۇق تۇتۇپ كېلىۋاتقان نازاربايېۋنى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئۈندەيدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چەينى قازاقىستانغا كەلگەندە، قازاقىستان ساقچىلىرى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار رەھبەرلىرىدىن شەنبە كۈنى ئاستانادا چەينى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلىنغان غالىمجان زاكىيانوۋ قاتارلىق كىشىلەرنى ئالماتادىن كېتىشكە مەجبۇرلىغان. (ۋەلى)