ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستان ئەلچىخانىسى ۋە قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن قىرغىزىستان بۇ دۆلەتتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ ئىجارە ھەققى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
قىرغىزىستان ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىمزالىغان كېلىشىم بويىچە ئامېرىكا " قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ۋە قىرغىز سودىگەرلىرى تەمىنلىگەن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە چۇشلۇق ھەق تۆلەيدىغان ۋە قىرغىزىستان ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىنى قوللايدىغان بولغان."
قىرغىزىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى مىراسلوۋ نىيازوۋ بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا " ئامېرىكا بازىسى قىرغىزىستاندا قالىدۇ. بىز ئامېرىكا بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلدۇق" دىدى. لېكىن نىيازوۋ ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستانغا قانچىلىك پۇل بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.
ئامېرىكا قىرغىزىستانغا بۇ يىل ۋە كېلەر يىل ئىچىدە 150 مىليون دوللار بېرىشكە ماقۇل بولغان. لېكىن بۇنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكا، قىرغىزىستانغا 1991 - يىلى مۇستەقىل بولغاندىن تاكى ھازىرغىچە جەمئىي 850 مىليون دوللار ياردەم قىلغان.
بېشكەك ھۆكۈمىتى ماناس ئايدۇرۇمىنىڭ ئىجارە ھەققى ئۈچۈن ئامېرىكىدىن 200 مىليون دوللار ئىجارە ھەققى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە ۋە پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋ ، ئەگەر ئامېرىكا بۇ پۇلنى بەرمىسە، ئامېرىكىدىن قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىمىز، دەپ تەھدىت سالماقتا ئىدى. بۇ كېلىشىم قىرغىزىستان يېقىندا 2 ئامېرىكا دىپلوماتىنى قىرغىزىستاندىن قوغلاپ چىقارغان ئەھۋال ئاستىدا ئىمزالاندى. (ئەركىن)