قىرغىزىستان ئامېرىكا قىسىملىرىنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى

بىر قىرغىز پۇقراسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن، قىرغىزىستان دائىرىلىرى جۈمە كۈنى ئامېرىكىغا بۇ دۆلەتتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى.

قىرغىزىستان - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى 6 - دېكابىر كۈنى ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى قوغداۋاتقان بىر ئامېرىكا بىخەتەرلىك خادىمى، يېقىلغۇ توشۇيدىغان بىر قىرغىز شوپۇرنى ئېتىپ تاشلىغاندىن كېيىن سوغۇقلىشىشقا باشلىغان ئىدى. ئامېرىكا قىسىملىرى ئامېرىكا بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ "تەھدىتكە قارشى ئوق چىقارغانلىقىنى" بىلدۈرمەكتە. دائىرىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قىرغىز شوپۇر ئامېرىكا ئەسكىرىگە پىچاق بىلەن تەھدىت سالغان.

قىرغىزىستان پارلامېنتى جۈمە كۈنى بىر قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتتىن ئامېرىكا بىلەن 2001 - يىلى ئىمزالانغان ماناس ئايرودرومىنى ئىجارىگە بېرىش كېلىشىمىنى ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى زېمىنىنى ئىجارىگە بېرىشنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. قارار لايىھىسىدە " قىرغىز خەلقى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن ئەندىشە قىلىپلا قالماي، بەلكى ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشكە توسالغۇلۇق قىلىۋاتقانلىقى ۋە بەزىدە قىرغىز تەرەپنىڭ تەلەپلىرىگە سەل قاراۋاتقانلىقىدىن جىددىي ئەندىشە قىلماقتا" دېيىلگەن.

نۆۋەتتە قىرغىزىستاندىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا 1000 دەك ئامېرىكا ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. بۇ بازىنىڭ ئىجارە ھەققى قىرغىزىستاننىڭ مۇھىم مالىيە كىرىمى بولۇپ قالغان. شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ رۇسىيە بىلەن خىتاي ئامېرىكىنىڭ بۇ يەردىكى ھەربىي قىسىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى ئۈندىمەكتە ئىدى. (ئەركىن)