جورج بۇش، ۋىلادېمىر پۇتىن بىلەن رۇسىيىدىكى دىموكراتىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش پەيشەنبە كۈنى سىلوۋاكىيىدە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە رۇسىيىدىكى دېموكراتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جورج بۇش بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن پايدىلىنىپ، رۇسىيىنىڭ ئىرانغا ياردەملىشىپ، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش يەنە، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇكۇس نېفىت شىركىتىنى قايتۇرېۋېلىشى، مەتبۇئاتلارغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە يەرلىك ئەمەلدارلار سايلىمىنى بىكار قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىرىملىن سارىيىنى دېموكراتىك ئىسلاھاتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىردى.

90 مىنۇتچە داۋاملاشقان سۆھبەتتىن كىيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت رەھبىرى شىمالىي كورىيە ۋە ئىراننىڭ يادرو قورالغا ئىگە بولماسلىقى ھەققىدە بىر پىكىرگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن بولسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سىلوۋاكىيە، جورج بۇشنىڭ ياۋرۇپا زىيارىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس بىلەن رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگىي ئىۋانوف، يىنىك تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى كونترول قىلىش ھەققىدە كېلىشىم ماقۇللىغان ئىدى. (ئارزۇ)