ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى مەسىلىسىدە رۇسىيىنى ھەمكارلىشىشقا چاقىردى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى، رۇسىيىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ياساش مەسىلسىدە رۇسىيىنى ھەمكارلىشىشقا چاقىرىپ، بۇ مەسىلىدە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئىشلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنستىرى دانىيال فىرىد، جۈمە كۈنى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، "ئەگەر رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنىڭ ياسىلىشىغا قاتناشسا، بۇ نىڭ رۇسىيىگە قارتىلغان بىر پىلان بولىمىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ" دېگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى ياۋروپاغا ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسىغا ئاساسەن، پولشاغا ۋە چېخ جۇمھۇرىيىتىگە بۇ مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا. گەرچە ئامېرىكا ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالغان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ رۇسىيىگە ئەمەس، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى يادرۇ قورالغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلارغا قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە بۇ پىلانىنى رۇسىيىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە تەھدىت دەپ قاراپ، ئامېرىكىنىڭ پولشا ۋە چېخ جۇمھۇرىيەتلىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا قارشى چىقماقتا. (ئۆمەر قانات)