ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ

بىر يىلدىن بۇيا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ سوغۇقلىشىپ قېلىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانى مەسىلىسى ھەققىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر سۆھبىتى كېلەر ھەپتىدە بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلمەكچى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سۆھبەتكە ئامېرىكا تەرەپتىن خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش ئىشلىرى بويىچە ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون رود، رۇسىيە تەرەپتىن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي كىسلىياك قاتنىشىدۇ.

بۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەزكۇر مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئەھمىيەتلىك بىر سۆھبەت بولۇپ، ئاساسلىق نۇقتىنىڭ ئامېرىكا تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى جەھەتتە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىشقا يەنى ئوتتۇرا شەرقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن ئورتاق مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى بىرلىكتە ئېلىش تېمىلىرىغا قارىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا تەرەپ پولشا بىلەن چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنى ئونىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيە تەرەپنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئامېرىكا بۇ ھەقتە رۇسىيىگە كۆپ چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ، رۇسىيە بۇنى يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىدىيىسى بىلەن باغلىغان.

نەتىجىدە پرېزىدېنت بۇش بىلەن پرېزىدېنت پۇتىن گېرمانىيىدە ئېچىلغان سەككىز سانائەت دۆلىتى يىغىنى پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ھەمدە پۇتىن بۇ سىستېمىنى ئەزەربەيجانغا ئورنىتىش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇ يىل يەنە پرېزىدېنت بۇش پۇتىننى ئۆز ئۆيىگە شەخسىي تەكلىپ قىلىپ، يەنە بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ھەمكارلىشىشقا قوشۇلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)