ئوباما بىلەن خاكابې ئايوۋا شتاتىدا رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلدى

2008 - يىلدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ دېموكراتلار پرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن باراك ئوباما بىلەن جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن مايكېل خاكابې، ئايوۋا شتاتىدىكى پارتىيە ‏- گۇرۇھلار سايلىمىدا رەقىبلىرىنى يېڭىپ، بۇ شتاتتىكى پارتىيىلىكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ سېپىدە كېڭەش پالاتا ئەزاسى باراك ئوباما %38 سايلىغۇچىنىڭ قوللىشى بىلەن رەقىبى ھېلارىي كلىنتون ۋە جون ئېدۋارتسلارنى يەڭدى. دېموكراتلار سېپىدىكى ئەڭ كۈچلۈك نامزات، دەپ قارالغان ھېلارىي كلىنتون %29 ئاۋاز بىلەن جون ئېدۋارتسنىڭ كەينىدە 3 - ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر سېپىدە ئاركانساس شتاتىنىڭ سابىق ۋالىسى مايك خاكابې رەقىبى ماسساچۇسىتىس ۋالىسى مىت رومنېي ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مىككېينلەرنى يېڭىپ، ئايوۋا شتاتىدىكى جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە سايلىغۇچىلىرىنىڭ %34 نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئوباما سايلامدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا "بىز ۋەھىمىگە قارشى ئۈمىدنى، بۆلۈنۈشكە قارشى ئىتتىپاقلىقنى تاللاپ، ئامېرىكىدا ئۆزگىرىش ياساشنىڭ كۈچلۈك بىشارىتىنى بېرىۋاتىمىز " دېدى. مايك خاكابې بولسا "بىزنىڭ بۈگۈن ئاخشام كۆرگىنىمىز ئامېرىكا سىياسىتىدىكى يېڭى بىر دەۋر. بۈگۈن ئاخشام ئامېرىكا يەنىلا خەلقنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى " دەيدۇ.

بۇ قېتىمقى سايلام ئامېرىكا تارىخىدىكى ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن يېڭىلىقلارغا باي بىر سايلام بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئامېرىكا تارىخىدا بىر مۆمىن مۇخلىسنىڭ ياكى جەمەتىدە مۇسۇلمان ئېلېمېنتى بار بىر ئافرىقا ‏- ئامېرىكىلىقنىڭ شۇنداقلا بىر ئايالنىڭ 1 - قېتىم پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى تالىشىشىدۇر.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر باراك ئوباما دېموكراتلارنىڭ نامزاتلىقىغا سايلانسا، بۇ ھېلارىي كلىنتون تەجرىبىلىك ۋە سىياسەتكە ماھىر، دەيدىغان سۈپەتلەر سايلىغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارغا ئېلىنمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئىككى پارتىيە نامزاتلىرى كېيىنكى قەدەمدە يېڭى ھەمپىشىر شتاتىدا پارتىيىلىكلەرنىڭ سايلىمىغا قاتنىشىدۇ. (ئەركىن)