ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام تانكرىدو، يېقىندا پرېزىدېنت بۇشقا خەت يېزىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ كېلەر ھەپتە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا تەيۋەنگە بىر تەرەپلىمىلىك قورال ئىشلىتىشكە يول قويۇدىغان قانۇن چىقارغانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتىمىز، دەپ ئەسكەرتىشنى تەلەپ قىلدى.
تانكرىدو، خىتاي دائىم تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىش ھەققىدە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا چىقارغان "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" بۇنىڭ بىر مىسالى، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ خۇ جىڭتاۋغا ئامېرىكا 1979 - يىلى خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا، خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسلانغانلىقىنى ئەسكەرتىشنى تەلەپ قىلغان.
تانكرىدو، پرېزىدېنتنىڭ بۇ يىل 1 - ئايدىكى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا، ئامېرىكا دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان كىشىلەر تەرەپتە تۇرىدۇ، دېگەن سۆزىنى خاتىرلىنىپ، " بۇ 23 مىليون تەيۋەنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك،" دەيدۇ.
تانكرىدونىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى دەپ تەيۋەننى قۇربان قىلىۋېتىشكە بولمايدىكەن. ئۇ، بۇنى بېيجىڭغا بىلدۈرۈش كېرەك، دەيدۇ. تانكرىدو، بۇ يىل 2 - ئايدا ئاۋام پالاتاسىغا تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھىسى سۇنغان. ئەمما بۇ دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۈنتەرتىپىكە ئېلىنمىغان ئىدى. (ئەركىن)