تەيۋەن ئامېرىكىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىدى


2006.01.31

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى ۋە پروگراممىسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن،ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەن بوغىزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت چېن شۈيبيەن، 29- يانۋار كۈنى چاغان بايرىمى مۇناسۋىتى بىلەن سۆز لىگەن نۇتۇقىدا، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى ۋە پروگراممىسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " تەيۋەن باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى تاللىغان يولدا مېڭىشى كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. چېن شۈيبيەننىڭ ئەسكەرتىشىچە، تەيۋەن بۇ يىل ئىچىدە يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، كېلەر يىلى پۇقرالارنىڭ ئاۋازىغا قويىدىكەن. ئۇ، بىز تەيۋەننىڭ نامىدا ب د ت غا ئەزا بولۇشنى ئاكتىپ ئىلتىماس قىلىمىز، دەيدۇ.

چېن شۈيبيەننىڭ سۆزىگە بېيجىڭ دائىرىلىرى ئىنكاس قايتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ "بىر جۇڭگو سىياسىتى" نى تەكىتلىدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىكەن، ئەمما ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ ھازىرقى ھالەتنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئۆزگەرتىشىگە قارشى تۇرىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئادام ئەرەلىي، "بىزنىڭ بۇ باياناتنى ئېلان قىلىشىمىزدىكى سەۋەب، بىز كۈشكۈرتۈش خاراكتېرلىك سۆزلەرنىڭ بولۇشىنى ياكى خاتا سىگنال بېرىلىشىنى خالىمايمىز " دەيدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش باسقۇچىدا، بولۇپمۇ ئىران يادرو مەسىلىسىدە خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېھتىياج بولۇۋاتقان بىر چاغدا، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلىشىنى خالىمايدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.