سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى ئارمىتېچ تەيۋەننى زىيارەت قىلدى


2006.03.09

سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى ئارمېتىچ تەيۋەندە ئېلىپ بارغان زىيارىتى داۋامىدا تەيۋەن پرىزېندېنتى چېن شۇيبيەن بىلەن كۆرۈشتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئارمېتىچ ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپلا ئۆزىنىڭ تەيۋەندە شەخسى سالاھىيەت بىلەن زىيارەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چارشەنبە كۈنى تەيۋەنگە يېتىپ كەلگەن ئارمېتىچ، مۇخبىرلارغا، تەيۋەندە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ پەيشەنبە كۈنى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ما يىڭجۇ بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، پرېزىدېنت سارىيىغا يېتىپ كېلىپ، چېن شۇيبيەن بىلەن ئۇچراشقان. بىراق مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلىشىنى رەت قىلغان.

ئارمېتىچ بىلەن چېن شۇيبيەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى ھازىرچە سىرتقا ئاشكارلانمىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ھەرقانداق بىر دۆلەت ئەربابىنىڭ مەيلى قانداق سالاھىيەت بىلەن بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىنى توسۇپ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە ، تەيۋەن بىلەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈندىن - كۈنگە جىددىيلىشىش ۋەزىيىتىگە كىرگەن بولۇپ، يېقىندا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى تەيۋەننى ئىقسادىي جەھەتتە تىز پۈكتۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.