ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دېپلوماتى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ يەنىلا تەيۋەننىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىنىڭ چېن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى ئالاسكىدا چەكلەپ قويۇشى سەۋەبلىك، تەيۋەن دائىرىلىرى ئازراق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى ۋەكىلى ستىۋېن ياڭ قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە، " بىزنىڭ ئارىمىزىدا خۇددى دوستلار ئارىسىدا بولىدىغان بەزى خاپىلىقلار بولدى" دېدى ھەمدە بۇنىڭغا تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ بۇ قېتىم لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سەپىرىدە ئامېرىكا تۇپرىقىدا توختاپ ئۆتمىگەنلىكىنى مىسال قىلدى.
ستىۋىن ياڭ يەنە، ئامېرىكىنىڭ يەنىلا تەيۋەننىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ يەنە تەيۋەن بىلەن ئېلىپ بارىدىغان نۇرغۇن سودىلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىغە قارشى تۇرىدىغان مەيدانىنى تەكىتلەپ، بۇ مۇستەقىللىقنىڭ ئامېرىكىنى سۆرەپ كىرىدىغان بىر مەيدان ئۇرۇش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
بۇ ئارىدا تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، لىۋىيىگە تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، چېننىڭ لىۋىيىدىكى زىيارىتىنىڭ خىتاي-لىۋىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە لىۋىيىنى تېزدىن تەيۋەن بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىنى ئۈزۈشكە ئۈندىدى.(پەرىدە)