ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تەيۋەن تەرەپنى تېخىمۇ كۆپ ئىمتىيازلار غا ئىگە قىلىشنى تەشەببۈس قىلماقتا


2006.06.29

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ئامېرىكا- تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا قوبۇل قىلىنغان تەكلىپ لايىھىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇ ، ئامېرىكا ‏- خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىملەرنىڭ جىددىي دەپسەندە قىلىنىشى دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ چىيۈ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا": ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەكىتلىنىپ كەلگەن بىر جۇڭگۇ پرىنسىپىغا پۈتۈنلەي خىلاپ"دېدى.

بۇ ئارىدا تەيۋەن مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ، تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ زىيارەتلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ئامېرىكا - تەيۋەن مۇناسىىۋەتلىرى ھەققىدە قوبۇل قىلىنغان قاراردا، بۇندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رەسىمىي ھۆججەتلىرىدە تەيۋەننى دۆلەت دەپ ئاتىشى ھەمدە تەيۋەن رەھبەرلىرىنىڭ ئاقساراينى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت بېرىشى تەكلىپ قىلىنغان.

مەزكۈر قارار لايىھىسىنىڭ رەسمىيلىشىشى ئۈچۈن ، قارار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاسى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىشى كېرەك.

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن رەسمىي دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى يوق، ئەمما ئامېرىكا تەيۋەننى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئاساسلىق دۆلەت بولۇپ، ئامېرىكا تەيۋەننى قوغداش ئۈچۈن ھەرقانداق بىر دۆلەت بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى مۇمكىن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.