ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەت پائالىيىتىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا
2007.06.21
ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسى 34 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ياردەم پىلانى ھەمدە تاشقى دىپلوماتىيىدىكى مۇھىم مەسىلىلىرىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى ئويلاشماقتا.
" تاشقى مۇناسىۋەت پائالىيەتلىرى قانۇن لايىھىسى" دەپ ئاتالغان مەزكۈر لايىھە ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان مەبلەغ ، پۈتۈن يەر شارىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر بولۇپمۇ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، سۇدان دارفۇر رايونىنى قوغداش ۋە دېموكراتىيە بەرپا قىلىش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى يەنە " تاشقى مۇناسىۋەت پائالىيەتلىرى قانۇن لايىھەسى" دە ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئولىرىدا قىسقارتىلماقچى بولغان ئۆزبېكچە ھەمدە تىبەتچە ئاڭلىتىشلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولىنى ئوينىشىنى تەشەببۇس قىلغان شۇنىڭدەك ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا ئالبان، تىبەت، تايلاند قاتارلىق 10 نەچچە خىل تىلىدا ئاڭلىتىش تەسىس قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۈر لايىھە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن پەيشەنبە كۈنى رەسمىي يوسۇندا تەستىقلىنىدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆتكۈر ھەربىي قوراللار تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ
- "ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسى رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق"
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى باشلاش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى
- دۇنيادىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەر ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟
- ئامېرىكا، سەئۇدى ۋە خىتاي شىركەتلىرى بەش مىليارد دوللارلىق ئېنېرگىيە كېلىشىمى تۈزدى
- ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى خىتايدا زىيارەتتە بولدى
- دىك چېنېي: خىتاينىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك ئەمەس
- رايىس بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- كوندىلىزا رايس سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاسى ئابدۇللا بىلەن سۆھبەتلەشتى