ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پات يېقىندا ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىغۇچى قوشۇنىنى چەتئەللىك تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئېھتىمالى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرو قوراللار پىلانى، ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى ۋەقەلەردە ئويناۋاتقان رولىغا سەۋر - تاقىتى تېشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى ئىكەن.
ئەگەر ئامېرىكا ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىغۇچى قوشۇنىنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزسە، بۇ ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەتنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى تېررورلۇق ئورگان، دەپ ئېلان قىلىشى بولۇپ قالىدۇ. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ تەدبىر ئىران بىلەن زىچ سودا مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەرگە ئامېرىكىنىڭ ئىراننى يېتىم قالدۇرۇشتا جىددى ئىكەنلىكى، ئىران بىلەن سودىنى داۋاملاشتۇرغۇچى شىركەتلەر ئامېرىكىنىڭ جىددى ئىمبارگوسىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇش رولى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر ئامېرىكا ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىغۇچىلار قوشۇنىنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزسە، ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى خىتاي بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. چۈنكى ئىران خىتاينىڭ ئېنېرگىيە، ھەربىي تېخنىكا ۋە ئەسلىھەلەر سودىسىدىكى ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە خىتاينىڭ خەلقئارا مەسىلىلەردە سىياسى - ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى ئىتتىپاقدىشىدۇر.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىغان ئەمەلدارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا بۇنى پات يېقىندا ئېلان قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن قاچان ئېلان قىلىش مەسىلىسىدە تېخى ۋاقىت جەدۋىلى بېكىتمىگەن. ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ خەۋەرنى ئىران ئىسلام جۇمھۇريىتىگە قارشى تەشۋىقات ۋە پسىخولوگىيىلىك ھەرىكەت،" دەپ ئەيىبلىدى.(ئەركىن)