ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى باش ئەلچىخانىسى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداۋاتقان تەيۋەندىكى ئامېرىكا ئىنستىتۇتىغا يېڭى بىر بىنا سېلىش ئۈچۈن تەيبېيدىكى بىر يەرنى 99 يىللىق ئىجارىگە ئالدى .
فرانىسيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ جاينى 99 يىللىق ئىجارىگە ئالغانلىقى تەيۋەن- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇشنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدىكەن .
تەيۋەندىكى ئامېرىكا ئىنستىتۇتى سەيشەنبە كۈنى 1979 - يىلىدىن بىرى تۇنجى قېتىم بىر ئامېرىكا ھەربىي خادىمىنىڭ مەزكۇر ئىنىستىتۇتدا ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى . ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە ئۈستىدىكى بىر ھەربىي خادىمىنى تەيۋەندىكى ئامېرىكا ئىنستىتۇتىغا ئەۋەتىش قارارى، ئامېرىكىدىن تەيۋەن بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىنى ئۈزۈشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان .
تەيۋەندىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداۋاتقان، ئامېرىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ رەئىسى داگلىس پۇلمۇ ، ئىجارىگە ئېلىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىش مۇراسىمىدا بەرگەن باياتىدا، بۇ ۋەقە ئامېرىكا ۋە تەيۋەن خەلقلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم بىر كۆرسەتكۈچ، دىدى .
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك ، تەيۋەندىكى ئامېرىكا ئىنستىتۇتى، ۋاشىنگتون 1979 - يىلى تەيبېينى تاشلاپ ، بېيجىڭ بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بىرى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ .
گەرچە ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسۋىتىنى ئۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋەتلەر قانۇنىغا ئاساسەن ، خىتاينىڭ تەھدىدىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلىمەكتە .(قانات)