تۈركىيە باش مىنىستىرى ئامېرىكىغا كەلدى

ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىۋاتقان تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان چارشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شىرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەكىتلىدى. ئەردوغان يەنە، ئامېرىكا كارخانىلىرىنى تۈركىيىگە مەبلەغ سېلىشقا ئۈندىگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ ئوتتۇرا شەرق پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت بۇش تۈرك-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ستراتىگىيىلىك شىرىكلىك مۇناسىۋىتى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشتا يەنە، ئىراق مەسىلىسى، شىمالىي ئىراقتىكى پېكاكا قوراللىق كۈچلىرى، تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى، سىپرۇس ۋە سۈرىيە مەسلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ۋاشىنگتونغا قىلىدىغان سەپىرىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا- تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە توختىلىپ، "تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ھەر ئىككىلا دۆلەت بىر- بىرىگە ئېھتىياجلىق. تۈركىيە ئامېرىكا ئۈچۈن دوستلۇقنى ئادا قىلىدىغانلىكى ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ كەلدى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ" دېگەن. (پەرىدە)