ئامېرىكا ئادېمىرالى فاللوننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكى مۇنازىرە قوزغىدى


2008.03.12

ئامېرىكا قوماندانلىق شىتابىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلارنىڭ بىرى، ئادېمىرال ۋىلليام فاللون ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. بۇ قومانداننىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا تۇمشۇقى قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنداق ئالىي دەرىجىلىك قوماندانلارنىڭ ئۇرۇش ۋاقتىدا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى كام ئۇچرايدىغان ئەھۋال. ئادېمىرال فاللۇن بولسا جورج بۇش ۋەزىپىگە قويغان ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىستراتېگىيىچى ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلارنىڭ بىرى ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى روبېرت گېيت ئۇنىڭ ئارامغا چىقىشىنى ئۆز ئارزۇيىغا قارشى ھالدا تەستىقلىدى ۋە ھەر خىل پەرەزلەرگە رەددىيە بەردى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئادېمىرال فاللۇن ئۆزى تۈنۈگۈنكى ئىستىپا بېرىش دوكلاتىدا ' جورج بۇش بىلەن پىكىر ئىختىلاپى بار' دېگەن گەپلەرنى ئۆسەك سۆزلەر' دەپ بايان قىلدى. چۈنكى ئۆتكەن ئايدا ' جانابلار جۇرنىلى' ئەسقۇئىرە ماگازىنىدا بېسىلغان 'تىنچلىق بىلەن ئۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى مەشھۇر شەخس' دېگەن ماقالىدە، قوماندان فاللوننى ئىراننىڭ يادرو قورال پىلانىنى توختىتىدىغان سىياسەتكە قوشۇلمايدىغان بىردىنبىر گېنېرال دەپ تەسۋىرلەنگەن ئىدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.