ئامېرىكا بىلەن خىتاي، خىتاينىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇنى" نى مۇزاكىرە قىلدى


2005.01.06

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگىتوندا، خىتاي دائىرىلىرى تۈزگەن"بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن" نى مۇزاكىرە قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەدەم ئەرىلىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىچارد ئارمىتىچ خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى چىن يۈنلىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن" نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

سۆھبەتتە رىچارد ئارمىتىچ، ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى قايتا تەكىتلەپ، خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ تىنىچ ھالدا دىئالوگ ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن ئىختىلابنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە، ھەر ئىككىلا تەرەپنى، ھازىرقى ھالەتنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىدىغان ۋە ۋەزىيەتنى مۇرەككەپلەشتۈرىدىغان ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كىلەر يىلى 3 - ئايدا مەزكۈر قانۇن لاھىيىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ھالبۇكى خىئاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ھەيئەت كومىتىتى بولسا ئۆتكەن ھەپتە بۇ قارار لايىھىسىنى تەستىقلىغان.

ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇنى" نى تەيۋەننى مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشتىن چەكلەشنى نىشان قىلىپ تۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تەيۋەن ھۆكۈمىتى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۈر قانۇننى تۈزۈش ئارقىلىق تەيۋەنگە ھوجۇم قىلىش ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس يارىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.