ئېۋانىس خىتاينى پۇل قىممىتىنى ئەركىن تۇتۇشقا چاقىردى


2005.01.12

خىتايدا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئامېرىكا سودا مىنىستىرى دون ئېۋانىس چارشەنبە كۈنى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قىلغان چاقىرىقىنى قايتا ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئەركىن پۇل قىممىتى تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى دون ئېۋانىس بېيجىڭدىكى ئامېرىكا سودا جەمئىيىتىدە چارشەنبە كۈنى قىلغان نۇتۇقىدا، خىتاينىڭ ئەركىن پۇل قىممىتى تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېۋانىس بۇ سۆزلىرىنى بېيجىڭدىكى ئامېرىكا سودا جەمئىيىتىدە قىلغان نۇتۇقىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى قەستەن كونترول قىلىۋېلىشىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئېۋانىس سۆزىدە يەنە ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاينىڭ بىۋاستە سېتىشقا بولغان كونتروللۇقىنى بوشىتىشىنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتاي بازىرىدا ئادىل رىقابەتكە قاتنىشىشقا يول قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ پۇل قىممىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتىۋېلىشىغا نارازى بولۇپ، خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ دوللار بىلەن بولغان تېگىشىش نىسبىتىنى ئىزچىل بىر خىل باھادا كونترول قىلىپ تۇرىۋېلىشىنىڭ خىتاي ئەرزان ماللىرىنىڭ ئامېرىكىغا تۆكمە بولۇپ كىرىشىگە سەۋەپ بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.