كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىدە توسالغۇلۇق رول ئوينايدىكەن
2005.01.23
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا توسالغۇلۇق رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رىچارد باۋچىر ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، "خىتاي نۇرغۇن ساھەلەردە خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە يېقىنلاشتى. ئامېرىكا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەپتىمۇ خەلقئارالىق ئۆلچەملەرنى قۇبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ" دېدى.
ئۇ يەنە، "ئامېرىكا، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېكىسپورت بازىرى. ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى نۇرغۇن ساھەلەردە كېڭىيىۋاتىدۇ. بىراق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى باشتىن - ئاخىر ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كېلىۋاتقان ئامىل بولماقتا" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ شۇنداقلا يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دىموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقوققا ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ شەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، رىچارد باۋچىرنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىپلىشى دەل ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ قەسەم بېرىش نۇتۇقىنى سۆزلىگەن كۈنىنىڭ ئەتىسىگە توغرا كېلىدۇ.
جورج بۇش قەسەم بېرىش نۇتۇقىدا، دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇرجىكىگىچە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى تارقىتىدىغانلىقى ۋە دۇنيادىكى زوراۋان ھاكىمىيەتلەرگە خاتىمە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ 2004 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەيىبلىدى
- كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار خىتاينى يەنىلا تەھدىد ھېسابلايدىكەن
- ئېۋانىس خىتاينى پۇل قىممىتىنى ئەركىن تۇتۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكا سودا مىنىستىرى دون ئىۋانس خىتايدا زىيارەتتە بولدى
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي، خىتاينىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇنى" نى مۇزاكىرە قىلدى
- ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قورال - ياراق ئىمبارگوسىدا ئاگاھلاندۇردى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى داۋاملىق قولغا ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى