ئامېرىكا خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا قارشى چىقتى


2005.01.26

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان 15 يىللىق قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى روچارد بوۋچېر سەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى يىتەرسىزلىكى ئۆزگەرمىگىچە، قورال ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش ۋاقىت جەھەتتىن خاتا بولۇپلا قالماي شۇنداقلا يەنە خاتا سىگنال بېرىدىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رىچارد بوۋچېر، "بىزنىڭ قارىشىمىزچە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئۆزگۈرۈش ياسىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلمىدۇق. ئەمەلىيەتتە، بىز بەزى مەسىلىلەردە كەينىگە چېكىنىش ئەھۋالىنى بايقاۋاتىمىز. بۇ بىزدە ھازىر قورال ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش ۋاقتى ئەمەس دىگەن قاراش پەيدا قىلماقتا،"دەپ كۆرسەتتى.

رىچارد بوۋچېر يەنە مۇنداق دەيدۇ: " بىز ئەلۋەتتە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا مەزكۇر رايوننىڭ ھەربىي ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغان قوراللارنى سېتىپ بېرىشتىن، بولۇپمۇ خىتاينىڭ تەيۋەن بىلەن ھەربىي ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغان قوراللارنى سېتىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز."

بۇش ھۆكۈمىتىدىكى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلل بىلەن كولىن پوۋېللنىڭ ۋارىسى كوندىلىزا رايىس، ئالدىنقى كۈنى ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەك ستراۋ بىلەن، سەيشەنبە كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوشكا فېشىرلار بىلەن خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگو مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.