خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ دىموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى رەت قىلدى
2005.01.27
خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى رەت قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈەن باياناتىدا، "بىز دېموكراتىيە ۋە قانۇن قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغان كەلتۈردۇق. باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىزگە قانداق قىلىش ھەققىدە ئەسكەرتىش بېرىشىنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق" دىدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش چارشەنبە كۈنى خىتاي رەھبەرلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىرىپ، "مەن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان كېلىچەكتىكى سۆھبەتلەردە، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئىنسانىي قەدىر- قىممىتىنى ھۆرمەت قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ پايدىسىنى، ئۇلارغا دائىم ئەسكەرتىپ تۇرىمەن" دىگەن ئىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە شۇنداقلا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى بىر توسالغۇ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ دېموكراتىيىنى يولغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمىغىچە، ئامېرىكىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىدە توسالغۇلۇق رول ئوينايدىكەن
- كانادا ۋە خىتاي يىللىق كىشىلىك سۆھبىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە كېلىشتى
- كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ 2004 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەيىبلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كانادا باش مىنىستىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار خىتاينى يەنىلا تەھدىد ھېسابلايدىكەن
- ئېۋانىس خىتاينى پۇل قىممىتىنى ئەركىن تۇتۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكا سودا مىنىستىرى دون ئىۋانس خىتايدا زىيارەتتە بولدى