ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى
2005.01.31
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسى گەرچە بۇ قېتىملىق سۆھبەت مەزمۇنلىرىنى ھازىرچە تەپسىلىي ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشتا تېررورچىلىق ۋە رايون بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىدە توختىلىشى مۇمكىنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى بىر نەپەر خادىمنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي ئالاقىسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى رىچارد لوۋلېس خىتايدىكى زىيارىتىدە يەنە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش شتاپ باشلىقى شيوڭ گۇئاڭكەي بىلەن كۆرىشىدىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزگەن قورال چەكلمىسىنى بىكار قىلىش، تەيۋەن ۋە ئىرانغا يادرو قورال تېخنىكىلىرىنى سېتىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە ئىختىلاپلار كۆرۈلگەن ئىدى.(پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ دىموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى رەت قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىدە توسالغۇلۇق رول ئوينايدىكەن
- كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار خىتاينى يەنىلا تەھدىد ھېسابلايدىكەن
- ئېۋانىس خىتاينى پۇل قىممىتىنى ئەركىن تۇتۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكا سودا مىنىستىرى دون ئىۋانس خىتايدا زىيارەتتە بولدى
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي، خىتاينىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇنى" نى مۇزاكىرە قىلدى
- ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قورال - ياراق ئىمبارگوسىدا ئاگاھلاندۇردى