پرېزىدېنت بۇش خۇ جىنتاۋ بىلەن تېلېفوندا شىمالىي كورىيە ۋە تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
2005.05.06
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى شۇنداقلا بۇ يولدىكى 6 دۆلەت سۆھبىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاق ساراي، ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ تېلېفون سۆھبىتى شىمالىي كورىيە، تەنۋەن مەسىلىسى شۇنداقلا ئىقتىسادى ۋە سودا مەسىلىلىرىگە چېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى مىكلىلان، " كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش يولىدا داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىككى رەھبەر، شىمالىي كورىيە مەسىلىسى پەۋقۇلاددە ئەندىشە يارىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھازىرغا قەدەر شىمالىي كورىيە 6 دۆلەت سۆھبىتىنىڭ ئۈچ قېتىم ساھىپخانلىقىنى قىلدى. ئەمما ئامېرىكا خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىش يولىدا يىتەرلىك كۈچ چىقىشقا ئۇندىمەكتە.
بۇ ئارىدا ياپونىيىنىڭ "سانكېي شىمبۇن" گېزىتى، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا شىمالى كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مىكلىلاننىڭ ئاشكارىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ تەيۋەندىكى گومىنداڭ رەئىسى ليەن جەننىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان يېقىنقى زىيارىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئەمما مىكلىلان، "پرېزىدېنت بۇش رەئىس خۇ جىنتاۋنى تەنۋەننىڭ سايلانغان رەھبىرى چېن شۈيبيەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندىدى،" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زۇلېيك، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ چېن شۈيبيەنگە قارشى مەيداندىكى ئۈكتىچىلەرنى كۈتۈۋېلىشى، تەيۋەندە ئىچكى پارچىلىنىشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- ئامېرىكا خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى چىڭىتماقتا
- ئامېرىكا "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" غا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكرارلىدى
- خىتايدىكى مىللەتچىلىك ئۇچقۇنلىرى ئامېرىكىدا ئەندىشە ياراتماقتا
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى