خىتايغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈش تەرەپدارلىقى بىلەن تونۇلغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىلد، دۈشەنبە كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا رامسفىلد زىيارەت جەريانىدا خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن ئىككى دۆلەت ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.
خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتىنى يىلدىن - يىلغا كۆپەيتىش پىلانى، ئامېرىكا ۋە ئاسىيا ئەللىرىنى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك يۆلىنىشى ۋە مەقسىدى توغرىسىدا جىددىي ئەندىشىگە سالماقتا ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتنى كۆپەيتىش پىلانى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي كۈچىگە قارىتىلغان، دەپ ئەندىشە قىلماقتا.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار، رامسفىلد زىيارەت جەريانىدا خىتاي بىلەن زور مەسىلىلەردە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىدۇ، دەپ قارىمايدىكەن.
رامسفىلد، بېيجىڭدا خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات ئەھۋالى، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك نىيىتى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى رامسفىلدنىڭ بېيجىڭدا 2 - توپچى قىسىملار قوماندانلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلىشىغا قوشۇلغان، ئەمما سەنشىدىكى ھەربىي قوماندانلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلىشىغا ئۇنىمىغان. (ئەركىن)