ئامېرىكا خىتايدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە كۆڭۈل بۆلمەكتە


2005.11.20

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش خىتايغا زىيارەتكە كېلىشتىن بۇرۇن، خىتاي دائىرىلىرى بىر قىسىم سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەھۋالغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇش بىلەن بىرگە خىتايدا زىيارەتتە بولىۋاتقان كوندولىزا رايس بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا، ئامېرىكىنىڭ چوقۇم سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىگە بولغان ئەندىشىسىنى خىتايغا ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە، مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن بۇ ۋەقەگە چۈشەندۈرۈش بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئېنىق مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇش خىتايغا كېلىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن، ئاز دېگەندە 10 نەچچە سىياسىي ئۆكتىچى ۋە پائالىيەتچىنى تۇتقۇن قىلغان ۋە بەزىلىرىنى ئۆيدە نازارەتكە ئالغان.

كوندولىزا رايس سۆزىدە يەنە، بۇ يىل 9 -ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەنلىكىنى ھەمدە ۋاشىنگتوننىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىپادىسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنە ئۇزۇن مەزگىل كېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي بىلەن بۇ مەسىلىدىكى سۆھبەتنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.