ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس شەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىران مەسىلىسى ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە سۆھبەتلەشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لى جاۋشىڭنىڭ رايس بىلەن ئىران يادرو كىرىزىسى مەسىلىسى ۋە ئامېرىكا-خىتاي ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق تېمىلاردا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئەمما سۆھبەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرىنى ئاشكارىلىمىغان.
ئىران يادرو كىرىزىسى نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت ئېتىبارىنى بېرىۋاتقان مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. ئەمما ئىران دائىرىلىرى 22- ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق 6 دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان لايىھىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى ئۇران تاۋلاش پىلانىنى توختىتىش تەكلىۋىنى رەت قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى ئىراننى 31- ئاۋغۇستتىن بۇرۇن ئۇران تاۋلاش پىلانىنى توختىتىشقا بۇيرۇق قىلىپ، ئۇنداق بولمىغاندا ئىراننىڭ بىر يۈرۈش جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. (پەرىدە)