FDA ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈمى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا

ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسى(FDA)، ماينىڭ 1- كۈنىئاز دېگەندىمۇ 4 مىڭ ئەرمەك ھايۋان ئۆلۈمىنىڭ، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مېلامىن بىلەن يۇقۇملانغان ئەرمەك ھايۋانلار يېمەكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەن دوكلاتنى دەلىللەش ئۈچۈن تەكشتۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدا ئوخشىمايدىغان توۋار ماركىسى بىلەن مىڭلىغان ئەرمەك ھايۋان يېمەكلىكى سېتىلغان بولۇپ، يېقىندا بۇلارنىڭ تەركىبىدە پلاستىك ماتېرىياللار ۋە خىمىيىۋىي ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىدىغان مېلامىن ئېلېمېنتى بايقالغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر تۈردىكى 150 خىل مەھسۇلات يىغىۋېلىنغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، FDA ئەنسىزچىلىكتە قالغان خېرىدارلاردىن 17 مىڭ قېتىم تېلېفۇن قوبۇل قىلغان، ۋە ئۇ كەلگەن تېلەفۇنلارنى تەققاسلاپ، 8 مىڭىنى FDA نىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزگەن.

ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىدىن كەلگەن مال دوختۇرى كېن پېتېرسېن: "مەزكۇر ھادىسىنىڭ ئەرمەك ھايۋانات يېمەكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىز تېخى دەلىللەپ بولالمىدۇق " دېگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ئامېرىكىدا باشقا ھايۋانلارنى بورداش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، FDA نىڭ مۆلچەرلىشىچە، 3 مىليون توخۇ ۋە 6 مىڭ تۇياق چوشقا ئاشۇ ئۆسۈملۈك ئاقسىلى بىلەن بوردالغان.

مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئاقسىل بىلەن بوردالغان ھايۋانات گۆشلىرى تەركىبىدە ناھايىتىمۇ ئاز مىقداردا مېلامىن بولغاچقا ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكىگە زەخمە ئېلىپ كېلىش خەتىرى ئىنتايىن توۋەن ئىكەن.

ھازىر ئامېرىكا يىمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەك ئىدارىسى FDA نىڭ بىر قىسىم تەكشۈرگۈچى خادىملىرى خىتايدا مېلامىن بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكى ھەمدە بۇنىڭ باشقا ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالىنىڭ بار ‏- يوقلىقى ئۈستىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە مەشغۇلات ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ. (جۈمە)