ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون خىتاينى زىيارەت قىلدى


2007.07.30

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسوننىڭ 4 كۈن داۋاملىشىدىغان خىتاي زىيارىتى يەكشەنبە كۈنى رەسمىي باشلاندى. پائۇلسېننىڭ بۇ زىيارىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى، خىتاي - ئامېرىكا سودىسىدىكى قىزىل رەقەم ۋە خىتاي ماللىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى جىددىي نارازىلىق قوزغاۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلماقتا.

پائۇلسېن بۇ سەپىرىدە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى، مۇھىت مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنى خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، بۇ يەردە چىڭخەي كۆلىنى كۆزدىن كەچۈردى. چىڭخەي كۆلى قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان تەبئىي قوغداش رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ جاي ب د ت نىڭ سەھىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن. خىتاي دائىرىلىرى چىڭخەي كۆلىدە مۇھىت قوغداش تۈرلىرىنى يولغا قويماقتا. بۇنىڭدىن سىرت پائۇلسون سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي رەھبەرلىرى ئۇچرىشىپ، خىتاي - ئامېرىكا ئىقتىسادى ھەمكارلىقىدىكى ئىستىراتېگىيىلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.

ئامېرىكا ‏- خىتاي سودىسىدا ئامېرىكىنىڭ سودا قىزىل رەقىمى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئامېرىكا خىتاينى ئادالەتسىز سودا رىقابەت مۇھىتى پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. پائۇلسېننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىدىن بىرى، خىتاي دائىرىلىرىنى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى بازار ئارقىلىق تەڭشەشكە قايىل قىلىشتىن ئىبارەت. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.