ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو ئىشلىرى بىرلەشمە كومىتېتى، بۈگۈن 2007 -يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ساھىبى بولغان بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماي، خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىزچىل دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدەك مەتبۇئاتلارغا قاراتقان كونتروللۇقىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان مەزكۇر كومىتېتنىڭ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ھەمدە دۆلەت مەجلىسىگە ھەر يىللىق دوكلاتىنى سۇنۇشتا قانۇنىي مەجبۇرىيىتى بار بولۇپ، كومىتېت بۇ يىل ھازىرلىغان 300 بەتلىك دوكلاتىنىڭ تولۇق نۇسخىنى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو ئىشلىرى بىرلەشمە كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا تەكىتلىنىشىچە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېغىر دەرىجىدە سادىر بولۇشتىن سىرت، قانۇن ساھەسى بويىچە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش قەدىمى ئىنتايىن ئاستا ئىكەن. مەزكۇر كومىتېت ، دوكلات ھازىرلاشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تىبەت ئاپتونوم رايونىغا قارىتا ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ بۇ ئىككى رايونىدىكى باستۇرمىچىلىق سىياسىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
دوكلاتتا، سۆز قىلىش ئەركىنلىكى بىلەن دىنىي ئەركىنلىكنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇققا دائىر تور بەتلەرنىڭ كاشىلىغا ئۇچراۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنىپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىنىش بىلەن بىرگە يەنە قولغا ئېلىنغان سىياسىي ئۆكتىچىلەر ۋە دىنىي پائالىيەتچىلەرنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان . (ئەقىدە)