ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېيتىس خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس، كېلەر ھەپتە خىتاينى ئىككى كۈنلۇك زىيارەت قىلىپ، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى ۋە سىياسى رەھبەرلىرى بىلەن بىر قاتار كۆرۈشۈشلەردە بولىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورېل، گېيتىسنىڭ زىيارەت جەريانىدا خىتاي ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى زىيارەت قىلمايدىغانلىقىنى، پەقەت خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بىر قاتار كۆرۈشۈشلەردە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ روبېرت گېيتىسنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى بولسا گېيتىسنىڭ زىيارىتى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي ئىشەنچىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، " بىز گېيتىسنىڭ زىيارىتىنى ئىككى دۆلەت ھەربىي دائىرىلىرى ئارىسىدىكى زور ۋەقە،دەپ قارايمىز" دەيدۇ. ئامېرىكا - خىتاي ھەربىي ئالاقىسى يېقىنقى مەزگىللەردە كۈچەيگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا شۇنداقلا ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينى ھەربىي ئىشلاردا تېخىمۇ ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشقا چاقىرماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ھەربىي خام چوتىنى 17.8 پىرسەنت ئۆستۈرۈپ، ئاز كەم 45 مىليارد دوللارغا چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتىكى ھەربىي خام چوتى بۇنىڭدىن كۆپ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. گېيتىس خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن جەنۇبىي كورىيە ۋە ياپونىيىلەرگە بارىدۇ. لېكىن باياناتچى مورېل، گېيتىسنىڭ بېيجىڭ سەپىرىدە خىتاي تەرەپ بىلەن كونكرېت قايسى مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نىگرىپونتى: خىتاي شىنجاڭ مەسىلىسىگە ئوخشاش سەزگۈر تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن قورقماسلىقى كېرەك
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ خىتاينى تەنقىدلىدى
- تەيۋەن دۆلەت بايرىمىدا ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى پاراتتىن ئۆتكۈزدى
- نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئەرزان نەرسە خىتايدا قىممەت؟
- خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى ئالماشتۇرۇلدى
- جورج بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ APEC باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىدا ئۇچراشتى
- رۇسىيە بىلەن خىتاي ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى
- پرېزىدېنت بۇش خىتاي ئارمىيىسىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
- ياپونىيە : خىتاي ھەربىي سېلىنما جەھەتتە تېخىمۇ ئوچۇق- ئاشكارا بولۇشى كېرەك