فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 22 - مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار باش قوماندانى پېتېر پەيس، خىتاينىڭ ھەربىي قوماندانلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن.
ئامېرىكا ئەلچىخانىسى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوماندان پەيىس خىتاي ھەربىي تەرەپ باش قوماندانى لياڭ گۇاڭليې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن. ئۇ يەنە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە باش مىنىستىرى ساۋ گاڭچۇەن ۋە خىتاي مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشىيۇڭلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
پەيىسنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي تەرەپ ئارىسىدا ئامېرىكا تىنچ ئوكياندا تۇرۇشلۇق قوراللىق قىسىملار قوماندانى ئۆتكەن يىلى ماي ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدا خىتاي تەرەپ بىلەن ھەربىي ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن قىلغان زىيارىتىنى ئېلىپ بارغاندىن كىيىن ئېلىپ بېرىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ھەربىي ئۇچرىشىش ئىكەن.
ئۇلار تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدىمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن. چۈنكى ئامېرىكا ئۆتكەن ئايدا تەيۋەنگە 400 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىشنى ئېلان قىلغان. تەيۋەن 1949 يىلىدىن بېرى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشتىكى ئاساسلىق بىر توسالغۇ بولۇپ كەلگەن. ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق يولىغا قاراپ ماڭسا خىتايلار قورال كۈچى ئىشلىتىمىز دەپ تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. (جۈمە)