ئامېرىكا سودا ئەمەلدارى: خىتاي-ئامېرىكا سودىسى ئادىل بولمىدى

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن سودا ۋەكىلى كاران باتىيا يەكشەنبە كۈنى خىتاينىجڭ ئامېرىكا-خىتاي سودا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئادىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كاران باتىيا سۆزىدە، خىتاينىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش ئارقىلىق "زور پايدىغا ئېرىشكەن" لىكىنى، ئەمما خىتاي ئامېرىكا شىركەتلىرىگە بولسا ئادىل ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلماي كەلگەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ نۆۋەتتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا يولى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بازار دائىرىسىنى يارىتىپ بېرىشكە مەجبۇرلاشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمما ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ بۇ يولنى ھازىر قوللانمايدىغانلىقىنى يەنى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى ھازىرچە توسىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. تېخى يېقىندا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا، ئامېرىكىنىڭ 2005‏- يىلى خىتاي بىلەن بولغان سودا پاسسىپ بالانىسىنىڭ 201 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

شۇنداقلا ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روب پورتمەن ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغان-قىلمىغانلىقىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان مەخسۇس بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەسىس قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. (پەرىدە)