ئامېرىكا ماشىنا زاپچاسلىرى تاموژنا بېجى ھەققىدە خىتاينى ئەرز قىلماقچى


2006.09.03

ئامېرىكا سودا ۋەكىلىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكا يېقىندا خىتاي بىلەن بولغان تاموژنا بېجى ماجراسىدا ئىلگىرلىگەن ھالدا تەدبىر قوللۇنۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇ ماجراغا ھۆكۈم چىقىرىشىغا سۇنىدىكەن.

رويتېرسنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى سۇزان شۋابنىڭ باياناتچىسى 1‏-ئاۋغۇست كۈنى "بىز پات ئارىدا مەخسۇس بىر كېسىم گۇرۇپپىسى تەشكىللىمەكچى. بىز ھازىر پۈتۈن دىققىتىمىزنى بۇ مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرىۋاتىمىز" دېگەن. سۇزان شۋاب تېخى يېقىندىلا خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلىكتە بۇيىل 3‏-ئايدا رەسمىي يوسۇندا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاي ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىدىغان ماشىنا زاپچاسلىرىغا ئادىل بولمىغان ئەھۋالدا يۇقىرى تاموژنا بېجى قويۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە بۇنىڭ خىتاينىڭ 2001‏-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ۋاقتىدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە تۈپتىن خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، تالاش-تارتىشتىكى ئىككى تەرەپ 60 كۈننىڭ ئىچىدە كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ ۋاقىت چەكلىمىسى ئىچىدە ئۇلار يەنىلا بىرلىككە كېلەلمىسە، ئۇ چاغدا دۇنيا سودا تەشكىلاتى مەخسۇس مۇتەخەسسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، بۇ مەسىلە ئۈستىدىن قارار چىقىرىدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.