ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسېن خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جيباۋلار ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسېن بىلەن كۆرۈشۈپ،خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پائۇلسېن 4 كۈنلىك خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي - ئامېرىكا سودا قىزىل رەقىمى ۋە خەلق پۇلى ئىسلاھاتى مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىشارەت كۆرۈلمىدى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى ئىسلاھات ۋاقىت جەدىۋىلى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پائۇلسېن خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى " ئىجابىي" دەپ باھالىغان. ئۇ، سودا ۋە خەلق پۇلى ئىسلاھاتىدا " پرىنسىپ جەھەتتىكى پەرقىمىز چوڭ ئەمەس، لېكىن ۋاقىت مەسىلىدە بەزى ئوخشىمىغان قاراشلىرىمىز بار " دەيدۇ.

ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى بۇ ھەپتە سۆھبەت مىخانىزىمى قۇرۇش ۋە پائۇلسېن بىلەن خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يىنىڭ يىلدا ئىككى قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىقتىسادى مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پائۇلسېننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى چارلىز شۇمېر ۋە لىندسېي گراھاملارنى خىتاي توۋارلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇش قانۇن تەكلىپ لايىھىسى سۇنۇشتىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)