ئامېرىكا خىتاينى ئىقتىسادىي ئىسلاھات مەسىلىسىدە قاتتىق ئەيىبلىدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن چاغدىكى ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىدىن قاتتىق ئەيىبلەپ، يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىقتىساد ۋە شۇنداقلا سودا ئىسلاھاتىدا زور چېكىنىشلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە "ئەگەر خىتاي بۇ ھەقتە جىددى چارە قوللانمايدىكەن، ئۇنداقتا مەسىلە ئىقتىسادىي جازا بېرىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ھەنري پائۇلسون خەنرۈ پولسۇننىڭ خىتاي زىيارىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا سودا ئىشلىرى ۋەكىلى سۇزىن شىۋاب (Susan Schwab) ئامېرىكا دۆلەت مەسىلىسىگە 100 بەتلىك دوكلات سۇندى.

مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاينىڭ سۇدا ئىشلىرىدىكى قىلمىشلىرى قاتتىق تەنقىت قىلىنغان بولۇپ "گەرچە خىتايدا، بىر قىسىم جەھەتلەردە ئاز ‏-تولا ئىلگىرىلەشلەر بولغان بولسىمۇ، خىتاي كۆپ ساھەدە، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەقلى مۈلۈك ھوقوقىنى قوغداش جەھەتتە ئۆزىنىڭ بۇندىن 5 يىل ئىلگىرى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندە قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغان" دەپ كۆرسىتىلگەن.

سۇزىن شىۋاب ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان بۇ دوكلاتىدا يەنە خىتاينى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بازىرىدىكى سودا ئىشلىرىغا توسالغۇ ياراتماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. (مېھرىبان)