خىتاي - ئامېرىكا تۇنجى نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادى سۆھبىتى جۈمە كۈنى بېيجىڭدا ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن تەرەپلەر ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بەزى نۇقتىلىق مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىدى.
خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەش مەسىلىسىدە كونكرېت ۋەدە بەرمىدى.لېكىن خىتاي - ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ يىغىندىن كېيىن جاكارلىشىچە،" ئىككى تەرەپ سودا، بازارنى ئېچىۋېتىش، مۇھىتنى قوغداش، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسېن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ خىتاي - ئامېرىكا سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئازايتىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. پائۇلسېن، تەرەپلەرنىڭ سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىش يولىدا بەلگىلىك تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بۇ سۆھبەت جەريانىدا خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى قويۇۋىتىشكە ئۈندىگەن. تەرەپلەر يەنە ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكا ماللىرىنى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغايدىغان تەدبىرلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. خىتاي، نيۇ - يورك ئاكسىيە سودا بازىرى ۋە ناسداقنىڭ بېيجىڭدا ئىش باشقارمىسى ئېچىشىغا قوشۇلدى شۇنداقلا ئامېرىكا خىتاينىڭ ئامېرىكا قىتئەسى تەرەققىيات بانكىسىغا قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلدى.
لېكىن خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئامېرىكىغا كونكرېت ۋەدە بەرمىگەن. پائۇلسېن، " شۇنى ئەسكەرتىشىمىز كېرەككى، ئەگەر خەلق پۇلى ئىسلاھاتى ئاستا بولۇپ قالسا خەتەر تېخىمۇ چوڭىيىدۇ. لېكىن خىتايلار بۇنىڭغا باشقىچە قارىماقتا " دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)