2006 - يىلى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا قىزىل رەقەم يەنە ئۆرلىدى
2007.02.14
خىتاينىڭ "خەلق گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، 2006 - يىلىدا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا پەيدا بولغان قىزىل رەقەم يەنە بىر قېتىم يۇقىرى ئۆرلەپ 760 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا پەيدا بولغان قىزىل رەقەم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتايغا قارىتا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆرلىتىش توغرىسىدا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىسىترى خېنرى پاۋلسوننىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا گەرچە پرىنسىپال ئىختىلاپ مەۋجۇت بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسىدىكى ئىسلاھاتىنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا. خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى بازاردا ئەركىن تەڭشىلىدىغان قىلىش بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. (ۋەلى)