ياپونىيە، ئامېرىكا، ھىندىستان بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى
2007.04.16
دۈشەنبە كۈنى، ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر تىنچ ئوكياندا، ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مانېۋىر يۇقىرىقى دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئىكەن. مانېۋىرغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياپونىيىنىڭ شەرقى دېڭىز قىرغىقىدىن 4 قوغدىغۇچى پاراخوتى، ئامېرىكىنىڭ 2 كىچىك ئۇرۇش پاراخوتى، ھىندىستاننىڭ 3 ئۇرۇش پاراخوتى قاتناشقان.
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە باياناتچىسى مۇنداق دېدى: "ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان بىرلىشىپ تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن بۇ مانېۋىرنىڭ مەقسىتى بولسا، بۇ ئۈچ دۆلەت ئارىسىدىكى دوستانە ھەربىي مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دېڭىزدا يۈرۈش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش".
توكيو بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرىدىغان جىددىيچىلىكى سەۋەبىدىن، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، ياپونىيە، ئامېرىكا، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيە ئارىسىدا كۆپ يۆنىلىشلىك ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان.
ئۆتكەن يىلى دېكابىردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرى يىغىنىدا شىنزو ئابې ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخانغا بىرلىكتە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە ماقۇللۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
لېكىن مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى. (جۈمە)
- خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ موسكۋاغا ئېنېرگىيە سودىسى قىلىش ئۈچۈن يېتىپ كەلدى
- خۇ جىنتاۋ كېلەر ھەپتىدە رۇسىيىنى زىيارەت قىلماقچى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ھىندىستاننىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىدى
- خۇ جىنتاۋنىڭ ھىندىستان زىيارىتى تىئىبەتلىكلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىق ھەرىكىتى بىلەن قارشىلاشتى
- رۇسىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
- خىتاي - ھىندىستان چېگرىسىدىكى نادۇلا تاغ ئېغىزىدا 40 نەچچە يىلدىن بۇيان تاقالغان چېگرا بازىرى ئېچىلدى
- خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى
- خىتاي ئامېرىكا ھەربىي مانىۋېرىغا تۇنجى قېتىم كۆزەتكۈچى ئەۋەتىپ قاتناشتۇردى